باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭدىكى بىر كارخانا قارا يامغۇر ياغقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇلغىما سۇ قويۇپ بەرگەن

2014.05.15 15:12  

گۇاڭدۇڭدىكى بىر كارخانا قارا يامغۇر ياغقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇلغىما سۇ قويۇپ بەرگەن

  گۇاڭجۇ كۈندىلىك گېزىتى خەۋىرىگە قارىغاندا، 12 – ماي چۈشتىن كېيىن، خۇيجۇ شەھىرى بولو ناھىيەسى بۇ ناھىيەنىڭ يۈەنجۇ بازىرىدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ قارا يامغۇر ياغقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىقچە بۇلغىما سۇ قويۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

  11 – ماي كېچىدە، تورداشلار بولو ناھىيەسى يۈەنجۇ بازىرى لىۋۇ كەنتىدىكى بېيچۇڭكۇ ئۆستىڭىنىڭ تۇيۇقسىز قىزىل رەڭ ۋە كۆك رەڭگە ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ھەمدە بۇ بۇلغىمىنىڭ گاۋتۇ كەنتىدىكى بىر سانائەت رايونىدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

  12 – ماي چۈشتىن كېيىن، بولو ناھىيەلىك ئېكولوگىيەلىك قوغداش ئىدارىسى ۋە يۈەنجۇ بازىرى دەرھال بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا بارغان. تەكشۈرگۈچى خادىملار دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ بازارنىڭ بەيياۋچيەن كەنتىدىكى مەلۇم گۈل بېسىش زاۋۇتىنىڭ قانۇنسىز ھالدا بۇلغىما قويۇپ بەرگەنلىكىدىن گۇمانلانغان ھەمدە بۇ زاۋۇتنى تەكشۈرۈپ، نەق مەيداندا ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان، شۇنداقلا دېلو تۇرغۇزغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېيچۇڭكۇ ئۆستىڭى بويىدىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىشقا ئالاقىدار كارخانىلارمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ رەتكە سېلىشنى قارار قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئالماسبېك ئاتامبايېف جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى چىڭىتتى، ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ئۆگىنىش قىزغى…
      ·2014-يىلى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن تۆت مىليارد 630مىليون يۈەن ئاجر…
      ·جىلىندا ئۇنۋان تۈزۈمىنى كېڭەيتىش ئىسلاھاتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·بەش يىل ئىچىدە چەت ئەلدە ئوقۇغان 30 مىڭ ئادەم ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «يەنجىڭ مەكتىپى» بۇ يىل دۇنيادىكى سەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تولۇق كۇرسنى پۈت…
      ·بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچى يەتتە مىليوندىن ئاشىدۇ 
      ·«1-ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ مائارىپ خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·«يانفون سىرتمىقى» غا چۈشۈپ قالغان ياشلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە