- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالدىنقى ئۈچ ئايدا ئائىلە سايمانلىرى كەسپىنىڭ پايدىسى تېز ئاشتى
2014.05.14 17:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى 305 مىليارد 180 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12؛ ئومۇمىي پايدىسى 14 مىليارد 770 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.1 ئاشقان، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تەدرىجىي ئۆسكەن.
مەلۇماتقا قارىغاندا، 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش نىسبىتى %95.6 كە يېتىپ، 2013-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.27 پوئېنت ئازايغان؛ ئېكسپورتقا مال تاپشۇرۇش قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر