باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورونلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

2014.05.14 17:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر دۆلەتنىڭ قىممەتلىك ئىختىساسلىقلار بايلىقى بولۇپ، بۇ يىل 7 مىليون 270 مىڭغا يېتىدۇ، بۇ تارىختىكى ئەڭ كۆپ سان، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش ئىستۇدېنتلار ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى، مۈشكۈللىكىنى، جىددىيلىكىنى چوقۇم تولۇق تونۇپ، باشتىن ئاخىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويۇپ، بارلىق ئامال چارىلەر بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر