باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىللىق «دۆلەت پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرى توپلىمى» تەقدىرلەندى

2014.05.13 18:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق دۆلەت ئىجتىمائىي پەن فوندى تۈرىنى باھالاش خىزمىتى يىغىنى 12-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا 2013-يىللىق «دۆلەت پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن نەتىجىلىرى خەزىنىسى»گە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر تەقدىرلەندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ قاتارلىق رەھبەرلەر خۇاڭ دېكۈەن، ۋاڭ شياۋپىڭ، ۋاڭ زىجىن، جاڭ شۇدې قاتارلىق 13 يازغۇچىغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى. «دۆلەت پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن نەتىجىلىرى خەزىنىسى»نى مەملىكەتلىك پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2010-يىلى تەستىقلاپ تەسىس قىلغان بولۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر نەتىجىلەرنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەلا ئۆگىنىش ئىستىلى بىلەن نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ نەتىجىلەر خەزىنىسى ھەر يىلى بىر قېتىم باھالىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق «دۆلەت پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن نەتىجىلىرى خەزىنىسى»گە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، ۋاقتى 15-ئىيۇنغىچە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر