باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاڭ ۋەنچۈەن چېگرا مۇداپىيە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.05.13 18:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن يېقىندا يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دېخۇڭ، باۋشەن، نۇجياڭ قاتارلىق جايلىرىدا چېگرا مۇداپىيە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  چاڭ ۋەنچۈەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ئېلىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكلىكىنى، يۈننەننىڭ چېگرا مۇداپىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بۇرچىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇملۇقىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، چېگرا مۇداپىيە خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، غەربىي جەنۇبىي چېگرانى مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە تىرىشىپ رولىنى جارىي قىلدۇرۇشى كېرەك.

  چاڭ ۋەنچۈەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي جەھەتتە چېگرانى تىنچلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە چېگرانى كۈچلەندۈرۈش، دىپلوماتىيە جەھەتتە قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق چېگرانى تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي پولات سېپىل بەرپا قىلىشىمىز؛ جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىنى مۇستەھكەم بىكىتىپ، مۇداپىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئادەتتە باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشكە، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ چېگرا مۇداپىيە ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، قورال-ياراغ، جابدۇق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە سىياسەت، قانۇن-بەلگىلىمە قۇرۇلۇشىنى پىلانلىق، قەدەم-باسقۇچلۇق ھالدا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ پارتكوملار نىشاننى بېكىتىش، ھۆكۈمەت باش بولۇپ ماسلاشتۇرۇش، قىسىم تايانچ بولۇش، ساقچىلار تىزگىنلەشنى تۇتۇش، خەلقنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭ باشقۇرۇش، تەڭ بەرپا قىىلشتەك بىرىكمە كۈچنى مۇتەجەسسەملىشىمىز كېرەك. چېگرا رايوننى قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە كونتىرول قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرى، زەھەر ياساش، ئېلىپ-سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، تىنچ-ئىتتىپاق بولغان چېگرا مۇھىتىنى قوغدىشىمىز؛ پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلنى داۋاملىق تۈزىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر