باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز شەھەرلەردە ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش، تۈزەش ئۆلچىمىنى چىقاردى

2014.05.13 18:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 12-ماي تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن دۆلەت ئۆلچىمى «سىرتتا سۇ چىقىرىۋېتىشنى لايىھەلەش بەلگىلىمىسى» بۇ يىل 10-فېۋرالدىن تارتىپ يولغا قويۇلۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش، تۈزەش لايىھەسى ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شەھەر-بازارلاردىكى ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش، تۈزەشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى-يامغۇر ياغقان مەزگىلدە يەر يۈزىگە يىغىلىپ قالغان سۇلارنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان دائىرىدە تىزگىنلەش ئىكەن. بۇندىن بۇرۇن ئېلىمىزدە ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش، تۈزەش ھەققىدىكى مەخسۇس لايىھە ئۆلچىمى يوق ئىدى، تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى دۆلەت ئۆلچىمى «سىرتتا سۇ چىقىرىۋېتىشنى لايىھەلەش بەلگىلىمىسى»دە، ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش، تۈزەش لايىھەسىدىكى قايتا پەيدا بولۇش مەزگىلى ۋە يىغىلغان سۇنىڭ چوڭقۇرلۇق ئۆلچىمى كۆپەيتىلدى.

  يېڭى ئۆلچەمگە ئاساسەن، ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش، تۈزەش لايىھەسىدىكى قايتا پەيدا بولۇش مەزگىلى جەھەتتە، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ 50 يىلدىن يۈز يىلغىچە، چوڭ شەھەرلەرنىڭ 30 يىلدىن 50 يىلغىچە، ئوتتۇرا شەھەرلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ 20 يىلدىن 30 يىلغىچە بولىدۇ. بۇ-ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەردىكى ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش، تۈزەش ئەسلىھەلىرىنىڭ 50 يىلدىن يۈز يىلغىچە بىر قېتىم كۆرۈلىدىغان قارا يامغۇرغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر