باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەر ناھىيە رەھبەرلىرى: 2-تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە شەكىلۋازلىق قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىمىز

2014.05.12 19:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر، ناھىيەلەردىكى رەھبىرىي ئورگانلار، رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا. باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ 9-ماي خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىگە بېرىپ لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر جايلاردىكى شەھەر، ناھىيەلەردىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى، ئۇلار كەينى كەينىدىن مەركەزنىڭ روھى ۋە باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئۆز ئەينەن ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم يۈجۇ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى فەن شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: باش سېكرېتارنىڭ بەرگەن باھاسى ۋە تەھلىلى ئىنتايىن كونكرېت ۋە تەپسىلىي بولدى. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۈلگە قىلىپ، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە شەكىلۋازلىق، رەسمىيەتچىلىك قىلماي، ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىمىز كېرەك.

  10-ماي، خۇنەن ئۆلكىسى شىنتيەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ لەنكاۋدا مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلغاندىكى سۆزلىگەن سۆزى ئۆگىنىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى تاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامما رازى بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، دىققىتىمىزنى كادىرلارنىڭ «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل»غا قارشى تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بايقىغان ھامان ئۆزگەرتىپ، دەرھال يولغا قويۇپ دەرھال تۈزىتىشىمىز لازىم.

  شەنشى ئۆلكىسى لۇڭشيەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ باۋيۈ مۇنداق دېدى: ئامما رازى بولۇشنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەشتىكى قاتتىق ئۆلچەم قىلىپ، كادىرلار ئىستىلى ئامما باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە تەنقىدىنى ئاڭلىقلىق بىلەن قوبۇل قىلىش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان قىلىپ تاماملاش كېرەك.

  سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى ئوبلاستىلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى خۇ چاڭشېڭ مۇنداق دېدى: گەنزىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان. بۇ يەردە كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەستايىدىل پۇختا خىزمەت قىلىپ، دېھقانلار بىلەن يۈزمۇ يۈز پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتكەندىلا، خەلقنىڭ قەلبىگە ياققىلى بولىدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىسى چۈفۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى لى چاڭشېڭ مۇنداق دېدى:«تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلغا» قارشى تۇرغاندا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق چەكلىمە ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورناتقاندىن باشقا، ئاممىنى «تۆت خىل ئىستىلغا» قارشى تۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك.

  فۇجيەن ئۆلكىسى يۇۋشى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋۇ بىڭ مۇنداق دېدى: ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان كاپالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، باش شۇجى ئېيتقاندەك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تۈزۈلمە قاتلىمىدىن يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىشىمىز كېرەك. خېبېي ئۆلكىسى لىنشوۋ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى سۇڭ سۈنخەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ھەربىر سۆز ھەرىكىتى پۈتۈن ناھىيە بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردا چوڭقۇر تەسىر قوزغايدۇ، بۇنىڭ بىلەن پارتىيە ئىستىلى سىياسىي ئىستىل ۋە خەلق ئىستىلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى باشلامچى بولۇپ راست سۆزلەپ، ھەقىقىي ئامال تېپىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شەكىلۋازلىق قىلىش ۋە ساختىپەزلىك قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

  لياۋنىن ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، خۈينەن يېڭى رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ياڭ ياجۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئامما ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلەيدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرگە چېتىلدى، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاممىنى ھەقىقىي رازى قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر