باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ يادرو جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى پۈتۈن دۇنيادا ئىلغار سەۋىيەدە تۈرماقتا

2014.05.12 19:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ماي مەملىكەتلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىينىنى ئازايتىش كۈنى. دۆلەتلىك يادرو ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت مۇداپىئە پەن سانائىتى ئىدارىسى يادرو جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىخەتەرلىك مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياۋ بىن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ يادرو جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى پۈتۈن دۇنيادا ئىلغار سەۋىيەدە تۈرماقتا، دۆلەتلىك يادرو جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى سىستېمىسى، تەشكىلىي سىستېمىسى، قوماندانلىق سىستېمىسى، ياردەم بېرىش سىستېمىسى، تېخنىكا مەدىتى سىستېمىسىنى داۋاملىق تۇرغۇزۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يادرو ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ يادرو جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى سىستېمىسى داۋاملىق مۇكەممەللەشمەكتىكەن، گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان يېڭى نۇسخىدىكى «دۆلەت يادرو جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى»نى ئاساس قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك يادرو جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ يادرو جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت لايىھەسى ۋە ئۇنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ لايىھەسى، ئۆلكە دەرىجىلىك لايىھەسى، يادرو ئەسلىھەلىرى تىجارىتى ئورۇنى لايىھەسىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك لايىھە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر