باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇرتىمىزنىڭ كېلەچىكىنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز

2014.05.12 19:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى ،دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت تەكشۈرگەن ھەمدە مۇھىم سۆز قىلغاندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بەس بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھى ئىلھامىدا ئۆزلىرىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، يۇرتىمىزنىڭ كېلەچىكىنى جەزمەن تېخىمۇ ياخشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  غۇلجا ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى جاڭ جىشېڭ مۇنداق دېدى:ناھىيىمىز ئۇدا بىر قانچە يىل قىشتا زور كۆلەمدە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇردۇق؛كۆپلىگەن ياشلار ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ سىرتلارغا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. غۇلجا ناھىيىسى 80-،90-يىللاردا تۇغۇلغان خادىملارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارەت جەھەتتىن تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈردى.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سېكرىتارى خۇاڭ سەنپىڭ مۇنداق دېدى: باش سېكرىتار شى جىنپىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش،كىشى قەلبىنى مايىل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،تەرەققىيات قارىشىمىزنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئېشىندا ئەمگەك كۈچلىرىنى 1-، 2-، 3- كەسىپتە ئىشلەشكە يېتەكلىشىمىز لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلىنى ئېلىمىزنىڭ غەربكە يۈزلىنىش چوڭ ئىستراتېگىيىسىگە يۈزلەندۈرۈپ، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ كۈچىنى قوزغاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى تىز بەرپا قىلىپ، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى ياخشى قۇرۇشىمىز لازىم.

  قابا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ جۈنچاڭ مۇنداق دېدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىمىز قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى جىنايەتچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشى،بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان سالىدىغان جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر