باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازازەت دەرىجىلىك كادىرلار قاتنىشىدۇ، كىم باشقۇرسا شۇ مەسئۇل بولىدۇ، دەيدىغان يېڭى بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2014.05.12 18:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى «ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە نازارىتى كادىرلىرى ئاممىدىن ھال-ئەھۋال سوراش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى چىقىرىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ئەرزىيەت بىلەن پاش قىلىش گەۋدىلىك بولغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىش، ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  بۇ لايىھەدە، بارلىق كومىتېت ۋە نازارەت ئورگان كادىرلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم ئاممىدىن ھال سورايدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىدە تۆۋەنگە چۈشۈپ كەنتلەردە تۇرۇش ياكى ئومۇمنىڭ ئىشى بىلەن كوماندىروپكىغا چىقىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، پىلان بويىچە ھال سورىيالمىغانلار ھال سوراش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشىسە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بەلگىلىمىدە ئاپتونوم رايوننىڭ مەزكۇر ئورگان كادىرلىرىنىڭ ھال سوراش ۋاقتى ئېنىق قىلىپ، نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ھەر قېتىم ھال سوراشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى بىر خىزمەت كۈنى؛ باشقارما دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ھەر قېتىم ھال سوراشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى ئىككى خىزمەت كۈنى؛ بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ھەر قېتىم ھال سوراشنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى بەش خىزمەت كۈنى بولىدۇ، دېيىلگەن. قائىدە بويىچە ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر نازارەت دەرىجىلىك كادىر ھال سورايدۇ، ھەر ھەپتىدە 2 دىن 3 كىچە باشقارما دەرىجىلىك كادىر، 1 بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر ھال سورايدۇ. ھال سورىغۇچىنىڭ ئىسمى ھەر ئايدا قەرەللىك ئېلان قىلىنىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر