باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2014-يىللىق جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى تەتقىقات دوكلاتى»ئېلان قىلىندى

2014.05.07 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ تۇنجى دۆلەت بىخەتەرلىك كۆك تاشلىق كىتابى «2014-يىللىق جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى تەتقىقات دوكلاتى» 6-ماي بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. كۆك تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خەلقئارادا تېررورلۇق پائالىيەت كۆپىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگودا تېررورچى كۈچلەر تىغلىق ۋە ئۇچلۇق قوراللارنى ئىشلىتىپ، دېلو سادىر قىلىشتەك يېڭى ئالاھىدىلىك كۆرۈلمەكتە. كۆك تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خەلقئارادا تېررورلۇق ھەركەتلىرى كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگودا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى قايتىدىن كۆپەيمەكتە، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدە دائىرىسى كەڭ بولۇش، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ھەربىي ساقچىلارنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىش، تېررورچى كۈچلەر تىغلىق ۋە ئۇچلۇق قۇراللارنى ئىشلىتىپ دېلو سادىر قىلىشتەك يېڭى ئالاھىدىلىك كۆرۈلمەكتە. دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، ھۆكۈمەت خەۋەر قىلغان ۋە ئاشكارلىغان ماتېرىيالغا قارىغاندا، 2013-يىلى جۇڭگودا زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى 10 قېتىم يۈز بەرگەن. كۆك تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم زور ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۇنىۋېرسال ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى بىر قىسىم قانۇن تارماقلىرىغا تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ئاخبارات، دىپلوماتىيە قاتارلىق تارماقلار يېقىندىن ماسلىشىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر