باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇچىلىق مىنىستىرلىقى: يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2014.05.07 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 6-ماي ئېچىلغان مەملىكەتلىك يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك خىزمىتى ۋىدىيولۇق يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئوبدان قىلىپ، يېزىلاردىكى 110 مىليون ئاھالە ۋە يېزا مەكتەپلىرىدىكى 15 مىليون 350 مىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلاردىكى بارلىق ئاھالىلەرنى پاكىزە سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. سۇچىلىق مىنىستىرى چېن لېي يىغىندا مۇنداق دە كۆرسەتتى: قوللاشنى كۈچەيتىپ، 12-بەش يىللىق پىلاندىكى نىشان ۋەزىپىلەرنى ۋاقىتدا ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشان ۋەزىپىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىنمىسىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئالدىنقى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر