باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ماي مەزگىلىدە تۆت ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىشنى پاش قىلىش كۈچەيتىلدى

2014.05.04 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ماي مەزگىلىدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى تۆت ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىشنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىشنى كۈچەيتتى. جايلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايىتتى. خەينەن ئۆلكىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى شەخسىي ئىشلارغا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئېچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش ۋە خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق بايرام كېسەللىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىسمىنى ئاتاپ ئاشكارا ئېلان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۈزەشنى چىڭىتتى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى 1-ماي مەزگىلىدە ئالاقىدار نازارەت قىلىش تەكشۈرۈش خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئېنىق ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ، بەشنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن قانات يايدۇرۇپ،بايقالغان ئىنتىزام، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلدى؛ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاشكارىلىدى. ھەمدە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈردى. 1-ماي مەزگىلىدە شىئەن شەھىرىنىڭ ھەر قايسى رايون،ناھىيىلىرى، ھەر قايسى تارماقلىرى قانۇن، ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاپتوموبىللاردىن باشقا، قالغان ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى بىردەك پېچەتلىدى. 1-ماي ھارپىسىدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى ئۇدا تۆت ھەپتە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ دېلودىن 719نى مەركەزلىك ئېلان قىلدى.

  مۇھىم بايرام مەزگىلىدىكى توغرا ئىستىلنى چىڭ تۇتۇش ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەجرىبىگە ئايلاندى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى مۇھىم بايرام مەزگىلىنى بىرىكتۈرۈپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزۇن مەزگىل چىڭ تۇتۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئىستىلنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر