- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ باش ئەلچىسى بىلەن قاتتىق سۆزلەشتى
2014.04.28 08:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ تۈنۈگۈن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى 25-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، قاتتىق سۆزلەشتى.
بىر مۇخبىر 25-ئاپرېل ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا « ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىخەتەرلىكنى قوغداش شەرتنامىسى»نى دىياۋيۈ ئارىلىغا تەدبىق قىلىدىغانلىقى ئېيتىلدى، يەنە شەرقى دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونى تەسىس قىلىش، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى قاتارلىقلارغا باھا بېرىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدۇ؟دەپ سورىغاندا، چىن گاڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ «ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىرلەشمە باياناتى»غا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى مەيدانىمىز ئېنىق. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى 25-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، قاتتىق سۆزلەشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر