باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كادىرلار ۋە ئامما تورنى ساپلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى

2014.04.28 08:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ساينا تورىنىڭ سېرىق مەزمۇنغا چېتىشلىق ئىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى ئۇچۇر 24-ئاپرېل ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جايلار كەينى-كەينىدىن قانات يايدۇرغان سېرىق مەرەزنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش-2014-يىللىق تورنى ساپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق دېيىشتى: توردا شەھۋانىي، سېرىق ھەمدە چاكىنا ئۇچۇرلارنى تارقىتىش جەمئىيەتكە زىيانلىق، ئاممىنىڭ روھى، جىسمانىي سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋاملىق كۈچەپ، ھەرىكەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تور بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىچكى موڭغۇل ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىياسەت ۋە قانۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۇرىنا مۇنداق دېدى: ھازىرقى جەمئىيەتتە تور كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتتى، بولۇپمۇ بارغانچە كۆپ قورامىغا يەتمىگەن بالىلار تورغا مەپتۇن بولۇپ كەتتى. بۇ بالىلار ھەمىشە قىزىققاق بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز، شەھۋانىي، سېرىق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارغا كۆرگەن ھامان ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئاسانلا ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ. گۇيجۇ ئۆلكىلىك قانۇن ئىلىمىي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ يەنخۇا مۇنداق دەپ قارىدى: كۆلىمى زور، نامى بار تور بېكەتلىرىنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان تور مەسئۇلىيىتىمۇ بارغانچە زور بولىدۇ، ئۇلار دۆلەتنىڭ قانۇن بەلگىلىمىسىگە تېخىمۇ ئەمەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تور ئەھلىنىڭ ئوقۇش ئادىتى ۋە بىخەستىلىك بولۇش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، شەھۋانىي، سېرىق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار ۋە چاكىنا ئۇچۇرلارنى تارقاتماي، تىرىشىپ تور دەۋرىدىكى قېلىپلاشقان ئۇچۇر تارقاتقۇچىغا ئايلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر