باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىنى بىلدۈردى

2014.04.28 08:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى لۇ شى تۈنۈگۈن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى خەلقئارا مۇنبىرىدە سۆز قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەرلىكتىكى تولۇق كۇرۇس ئالىي مەكتەپلىرىنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش- يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ جىددىي تەلىپى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ خىزمەتنى پائال ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: مائارىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ ئاساسلىق تەپەككۇرى - ئالىي مائارىپنى تۈرلەر بويىچە باشقۇرۇش ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، مىقدارنى سەرخىللاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش. مىقدارنى سەرخىللاشتۇرۇش- يەرلىكتىكى قىسمەن تولۇق كۇرۇس ئالىي مەكتەپلەرنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كەسپىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن يېتەكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ تەسىس قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخنىكا تىپىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئالىي مائارىپنى تۈرلەرگە ئايرىش سىستېمىسى ئورنىتىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىماقتا. بۇندىن كېيىن، تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئاز مىقداردا بېكىتكەندىن باشقا، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تولۇق كۇرۇس ئالىي مەكتەپلىرى ۋە نامىنى ئۆزگەرتىدىغان ئالىي مەكتەپلەر قوللىنىشچان تېخنىكا تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش خاراكتېرىنى ئېنىق بېكىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر