باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىلىن ئۆلكىلىك ئارخىپخانا تۈنۈگۈن ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلار ئىچىدىن رەتلەنگەن 89 ئارخىپنى ئېلان قىلدى

2014.04.28 08:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىلىن ئۆلكىلىك ئارخىپخانا تۈنۈگۈن ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلار ئىچىدىن رەتلەنگەن 89 ئارخىپنى ئېلان قىلدى، بۇ ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلغان رايونلاردا قۇرغان ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار ئورۇنلىرى، 731-باكتېرىيە قىسمىنىڭ سىناق قىلىشىغا ئالاھىدە يەتكۈزۈلىدىغان ئوبيېكت بولغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جاسۇسلىرى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندە ۋە ياپونىيە ئارمىيەسى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنكى نەنجىڭدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللار، شېنياڭدا قامالغان ئەنگلىيە ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ئەسىرلىرى، ياپونىيەنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالىغا يۆتكىگەن كۆچمەنلىرى ۋە مەجبۇرىي قوبۇل قىلغان ئەمگەكلىرى ھەمدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى بىرلەشمە ئارمىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ، بۇنىڭغا ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلىرى ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: جىلىن ئۆلكىلىك ئارخىپخانىدا جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىگە ئائىت نۇرغۇن ئارخىپلار بار، ھەمدە ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خاتىرىلىرىمۇ بار، بۇ ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگو تاجاۋۇز قىلىشتەك ياۋۇز ماھىيىتىنى پاش قىلىشنى نۇرغۇن ھەقىقىي ئىشەنچلىك تارىخىي ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىدى، بۇ ياپونىيەدىكى ئوڭچى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىي جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر