باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كورىيە پاراخوت ۋەقەسىدىكى يولۇچىلارنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا

2014.04.28 08:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە «يىللار» ناملىق ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار پاراخوتىدىكى يولۇچىلارنى ئىزدەش خىزمىتى 12-كۈنىگە قەدەم قويدى. سۇ رايى شارائىتى ئەڭ ياخشى مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، ئىزدەش خىزمىتى بارغانسېرى قىيىنلاشتى. بۇ قېتىم چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى بەختكە قارشى قازا قىلغان تۆت جۇڭگولۇق يولۇچىنىڭ جەسىتى تولۇق تېپىلدى. جۇڭگونىڭ كورىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ياردەملىشىپ، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلماقتا.

  كورىيە ئىزدەش ئەترىتى مۇنداق دېدى: گەرچە ئېنىقلانغان قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى يوقاپ كەتكۈچىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ گەۋدىسىنى ئىزدەش كۆلىمى يېرىمىگىمۇ يەتمىدى. «يىللار» ناملىق پاراخوت سول تەرەپكە قىيسىيىپ چۆكۈپ كەتكەن، ئىزدەشتە پاراخوت گەۋدىسىنىڭ ئوڭ تەرىپى مەركەز قىلىنماقتا.

  ئامېرىكىنىڭ «قاراۋۇل» ناملىق ھەربىي پاراخوتى 26-ئاپرېل سەھەردە ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىزغا يېتىپ بېرىپ، كورىيەنىڭ ئىزدەش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر