- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


3-ئايدا ئېلىمىزنىڭ پولات بازىرى جانلىق بولدى
2014.04.28 08:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇ يىل 3-ئايدا ئېلىمىزدە 6 مىليون 760 مىڭ توننا پولات ئېكىسپورت قىلىندى، بۇ ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1 مىليون 960 مىڭ توننا كۆپ بولۇپ، %28.03 ئاشتى، بىرىنچى پەسىلدە پولات ماتېرىيالى ئېكىسپورتى 18 مىليون 330 مىڭ توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27ئاشتى، 3-ئايدا ئېلىمىز ئىمپورت قىلغان پولات ماتېرىيالى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 270 مىڭ توننا ئاشتى، بىرىنچى پەسىلدە پولات ماتېرىيالىدىن 3 مىليون 590 مىڭ توننا ئىمپورت قىلىنىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئاشتى.
3-ئايدىكى ئېلىمىزنىڭ پولات ماتېرىيال بازىرىدىكى ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، مەيلى ئىمپورت ۋە ياكى ئېكىسپورت بولسۇن ئالدىنقى ئايدىكىدىن ۋە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى، پولات بازىرى جانلىق بولدى، 3-ئايدا ئېلىمىزدە پولات باھاسى يەنىمۇ چۈشتى، بۇ پولات ماتېرىيالى ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبى، 4-ئايدا دۆلەت ئىچىدە پولات ماتېرىيالى باھاسى يەنە ئۆرلىشى مۈمكىن، كەلگۈسىدە پولات ماتېرىيالى ئېكىسپورت مىقدارى ئازراق تۆۋەنلىشى مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر