باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن سەپەرگە چىققاندا ئالدى بىلەن ئەرزان بېلەت ئېلىش كېرەك

2014.04.28 08:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ« ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىلەن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ئىشلار ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن سەپەرگە چىقىپ ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشىدا بېكىتىلگەن ئەرزان بېلەت سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: بېلەت سېتىۋالغۇچى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن سەپەرگە چىقىش پىلانى ۋە ئۇرۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى قىلىپ، ئىمكان قەدەر تۆۋەن باھادىكى ئايروپىلان بېلىتىنى تاللىشى، پىرىنسىپ جەھەتتىن تولۇق باھادىكى بېلەتنى سېتىۋالماسلىقى كېرەك، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى تەمىنلىگەن ھۆكۈمەت ئەرزان بېلەت سېتىۋېلىش چېكىدىن تۆۋەن بەزى كوللىكتىپ سەپەرگە چىقىش بېلىتى ياكى باھاسىنى چۈشۈرگەن بېلەتنى تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ، ئەمما ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ئېتىبار باھاسىدىن قايتا بەھرىمەن بولمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارنى ئېنىق بېكىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە كوللىكتىپ، تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى شۇنداقلا مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالىدىغان باشقا خادىملار دۆلەت ئىچىگە كاماندوروپكىغا ۋە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەتئەللەرگە چىققاندا بېلەت سېتىۋېلىشقا توغرا كەلگەندە قاتتىق تېجەشلىك بولۇش ۋە ئۆز دۆلىتى ئاۋىياتسىيە شىركىتى تەرەققىياتىنى قوللاش پىرىنسىپى بويىچە ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېكىتىلگەن ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەرزان بېلىتىنى سېتىۋېلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەز خامچوت ئورۇنلىرى 2014-يىلى 1-ئىيۇندىن باشلاپ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك خامچوت ئورۇنلىرى 2014-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يولغا قويىدۇ، ۋىلايەت شەھەر دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خامچوت ئورۇنلىرى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي يولغا قويۇپ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر