- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۇ يىل مەمۇرلۇققا تىزىملاتقانلار ئانچە كۆپ بولمىدى
2014.04.28 08:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتىچىسى لى جۇڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ۋە ئۆتكەن يىلقى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلىغاندا ھازىر يەرلىكنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش چوڭ ئەمەس، ئومۇمىي جەھەتتىن نورمال.
لى جۇڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى، ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە 21 ئۆلكە 2014-يىللىق مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى تەشكىللەپ، جەمئىي 101مىڭ 800 كىشى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى، قوبۇل قىلىدىغانلار سانى ئۆتكەن يىلدىكىدىن %13.2 ئاز، تىزىمغا ئالدۇرۇشنى بېكىتكەنلەر سانى 2013-يىلىدىكىدىن 360 مىڭ 900 ئاز، تىزىمغا ئالدۇرغانلار سانىنىڭ ئازلىشى بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلار سانىنىڭ ئازلىشى ئوخشاش سالماقنى ئىگەللەيدۇ، لى جۇڭ بۇنىڭغا قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشتىكى ئۆزگىرىش بازارنىڭ ئىختىساسلىق خادىملارنى تەقسىملەشتىكى رولىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، بۇ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆز قارارى بىلەن ئۆز كەسپىنى تاللىغانلىقىنىڭ نورمال نەتىجىسى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر