باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى چارە تارقىتىپ ئاممىنى قانۇنغا ئاساسەن دەرىجە بويىچە ئەرز قىلىشقا يېتەكلەيدۇ

2014.04.25 08:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى يېقىندا «ئەرز ئىشلىرىنى قۇبۇل قىلىپ بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ ئەرز قىلىشقا كەلگەن كىشىنى قانۇن ئارقىلىق دەرىجە بويىچە ئەزر قىلىشقا يېتەكلەش چارىسىنى» بېسىپ تارقاتتى. «چارە» 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.

  «چارىدە» ئەرز قىلغان ئىشنى قايسى دەرىجىلىك قۇبۇل قىلىپ بېجىرىدۇ، قايسىلىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ، قايسىلىرىنى قۇبۇل قىلمايدۇ، قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانداق بېجىرىدۇ دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. «چارە» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىكى ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ۋە باشقا مەمۇرىي ئورگانلار ئەرزىيەت ئىشلىرى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا قۇبۇل قىلىش، بېجىرىش ھالقىلىرىدىكى تۈرلۈك يازما ھۆججەتلەرنى بىر تۇتاش مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئۇچۇرلىرى سېستىمىسىغا كىرگۈزۈپ، رەسمىيەتلەر قېلىپلاشقان، سانلىق مەلۇماتلار تولۇق، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىكى ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىنى قۇبۇل قىلىش، بېجىرىش ئەھۋالىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر