باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي سوت 2013-يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى

2014.04.24 10:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-ئاپرېل دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 21-ئاپرېل گۇاڭجۇدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «2013-يىلى جۇڭگو سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش ئەھۋالى» دېگەن ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتابتىن مۇنۇلار ئايان بولدى: 2013-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 1-سوتتىكى تۈرلۈك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلوسىدىن بىر يۈز مىڭ 399 نى بىر تەرەپ قىلغان، چەتئەلگە ئالاقىدار ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى تۈرلەر، چىگىش، مۇرەككەپ دېلولار كۆپەيگەن. بۇندىن باشقا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يەنە 2013-يىلى جۇڭگو سوت مەھكىمىلىرى بىر تەرەپ قىلغان ئون چوڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلوسى، ئون چوڭ يېڭىلىق يارىتىشچان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلوسى ۋە 50 تىپىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلوسى ئۇقتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر