باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر نامرات نوپۇستىن بەش مىليون 590 مىڭى ئازايدى

2014.04.24 10:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك مىللەت ئىشلىرى كومىتېتى تور بېكىتى 21-ئاپرېل ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، 2013-يىلى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى نامرات نوپۇس 25 مىليون 620 مىڭغا چۈشۈپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن بەش مىليون 590 مىڭى ئازىيىپ، ئازىيىش نىسبىتى %17.9، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى نامراتلىقنى ئازايتىش نىسبىتى %16.7 بولغان، بۇ سەككىز، ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن تېز بولغان. مەلۇماتقا قارىغاندا، 2013-يىلى بۇ سەككىز، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى نامرات نوپۇس يېزا نوپۇسىنىڭ %17.1 نى ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ نامراتلىق نىسبىتىدىن 8.6 پوئېنت يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان سەككىز، ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى نامراتلىق كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ بولغان، گۇاڭشى، گۈيجۇ، يۈننەن يېزىلىرىدىكى نامرات نوپۇس 20 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان سەككىز، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى نامرات نوپۇسنىڭ %79.6 نى، پۈتۈن مەملىكەت يېزىلىرىدىكى نامرات نوپۇسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىگەن، غەربىي جەنۇبتىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. تونۇشتۇرۇلۇشىچە،بۇ سەككىز، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون-ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر قەدەر مەركەزلىك بولغان ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بەش ئاپتونوم رايون ۋە گۈيجۇ، يۈننەن، چىڭخەي ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر