باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۆت ناتوغرا ئىستىلنى داۋاملىق تۈزەيدۇ

2014.04.24 10:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماي بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى يۈفۇ ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇھىم ۋاقىت، نۇقتىلارنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، تۆت ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنىڭ قايتىدىن ئەۋج ئېلىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ. لى يۈفۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ماي بايرىمى-بىر مۇھىم پەيت، تۆت ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسى سەل باش كۆتۈرۈشى ھەم تېخىمۇ يوشۇرۇن شەكىلدە پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قارىتا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تۈزەيدۇ. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بۇ ۋاقىتتا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ئالاقىدار يەرلىك ۋە تارماقلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ، جايلار، تارماقلارمۇ تەكشۈرۈش ۋە ئىنتىزام ئىجرا نازارىتىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە بايقىسا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان تىپىك دېلولارنى ھەر ھەپتىدە مەركەزلىك ئېلان قىلىدۇ. بىز تورداشلارنىڭ قاتنىشىشى ۋە نازارەت قىلىشى، ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر