باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپ 142 تىپىك دېلو مەلۇم قىلىندى

2014.04.22 08:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 14-ئاپرېلدىن 18-ئاپرېلغىچە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ تىپىك دېلودىن 142 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. بۇ تۈركۈم دېلو 23 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىشلىق بولۇپ، يەنە جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى ۋە جۇڭگو ئاليۇمىنچىلىق شىركىتىدىن ئىبارەت مەركەزنىڭ ئىككى كارخانىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ تۈركۈم دېلو ئاساسلىق چېتىلىدىغان مەسىلە ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى سەپلەپ ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەتكە چىقىش، توي تۆكۈن، نەزىر چىراغلارنى چوڭ ئۆتكۈزۈش، سوۋغا ئېلىش-بېرىش، خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر