باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باج بىجىرىش يۈكى يېنىكلىتىلىپ، مۇلازىمەت كۈچەيتىلىدۇ

2014.04.21 10:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى 2-ئايدا «باج ئىشلىرىدا خەلققە قولايلىق يارىتىش باھار شامىلى ھەرىكىتى» نى باشلىغاندىن بۇيان، باج مەمۇرىي تەستىق تىزىملىكىنى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىش، باجغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئائىلىلەرگە كىرىپ قانۇن ئىجرا قىلىشنى بىكار قىلىش تۈرلىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلان قىلىش قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېيىنكى ئىشلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، تۈزۈم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئۇسۇلى ۋە چارىسىنى يېڭىلىدى.

  باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا «ئائىلىلەرگە كىرىپ قانۇن ئىجرا قىلىشنى بىكار قىلىشقا ئالاقىدار تۈرلەردىكى كېيىنكى باج يىغىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى ئېلان قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرىدىن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ھوقۇقنى قويىۋېتىپ، سېلىقنى يېنىكلىتىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنى ئاۋارە قىلىشنى ئازايتىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج بىجىرىش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ھەم «باج ئىشلىرىدا خەلققە قولايلىق يارىتىش باھار شامىلى ھەرىكىتى» نىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەم باج تاپشۇرۇشتا يوچۇق قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھوقۇقنى قويىۋېتىش ئەمما قالايمىقان بولماسلىق، باشقۇرۇشنىڭ چېكى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر