باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2014.04.18 10:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 17-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ،چەتئەللەردىكى جۇڭگو مەدەنىيىتى،مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ئەزالار چەتئەللەردىكى جۇڭگو مەدەنىيىتى،مائارىپنى قوللاش خىزمەت مېخانىزمىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى قانۇنىيىتىگە ئاساسەن مەخسۇس لايىھەلەش ،پىلانلاش، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش، ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش،خەلقئارالىق مەكتەپلەرنى قۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر تەكلىپلەرنى بەردى.سۆھبەت يىغىنى كەيپىياتى جانلىق بولدى؛ئەزالار بەس بەستە پىكىر قىلدى. ئوي پىكىر چوڭقۇر بولدى. يۈ جېڭشېڭ ئارىلاپ ئارىلاپ سۆز قىلغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى،خاتىرە قالدۇردى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چەتئەللەردىكى جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە مائارىپ خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى،جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەزالار ۋە مۇتەخەسسىس ئالىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان،مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش شياڭگاڭ ئاۋمېن تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مۇھاجىرلار كومىتېتى ۋە جۇڭگو ئادالەت پەرۋەرلەر پارتىيىسى چەتئەللەردىكى جۇڭگو مەدەنىيىتى، مائارىپ مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چەتئەللەردىكى جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر