باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرىنچى پەسىللىك مالىيە كىرىمى ئايمۇ-ئاي تۆۋەنلىدى

2014.04.18 10:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بىرىنچى پەسىللىك مالىيە كىرىمى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بىرىنچى پەسلىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمى %9.3ئاشقان، ھەر ئايدا ئېشىش كۆلىمى ئايرىم-ئايرىم %13،%8.2،%5.2 بولۇپ، ئېشىش كۆلىمى ئايمۇ-ئاي تۆۋەنلىگەن. بولۇپمۇ 3-ئايدا مەركەزنىڭ مالىيە كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %1.4 تۆۋەنلەپ، يەككە ئايدا مەنپىي ئېشىش قايتا كۆرۈلگەن. مالىيە باج مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: 1-پەسلىدە مالىيە كىرىمىنىڭ ئىپادىسى نۆۋەتتىكى ئىقتىساد يۈزلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن يىللىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشى مۇقىم، كىرىم-چىقىم زىددىيىتى بېسىمى گەۋدىلىك بولىدۇ.

  مالىيە مىنستىرلىقى مالىيە ئىلمىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شاڭشى مۇنداق دېدى: 1-پەسلىدە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى مۆلچەر دائىرىسىدە بولدى، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 3-ئايدا مەركەز مالىيەسىنىڭ كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا تۆۋەنلىدى، ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى، ئېكسپورتتا قايتۇرۇلغان باجنىڭ كۆپىيىشى ، شەخسى تاپاۋەت بېجىدا ئالدىنقى ۋە كېيىنكى يىللىق خەزىنىگە تاپشۇرۇش ئېيىنىڭ گىرەلىشىشى شۇنداقلا تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىناق دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1-پەسىلدىكى مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش كۆلىمىگە قاراپلا پۈتۈن يىللىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ زورىيىشى شۇنداقلا ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى كىرىم ئاساس سېنىنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە كېيىنكى نەچچە ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىدا داۋاملىق ئاستىلاش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىرىش مەزگىلگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن يىلدىن قارىغاندا مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن بەك ئۈمىدلىنىپ كېتىشگە بولمايدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، كىرىم زىددىيىتى داۋاملىق كەسكىنلىشىدۇ. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە ئىقتىساد ئىستراتېگىيە تەتقىقات يۇرتى باج كىرىمى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ بىن مۇنداق دېدى: نورمال ئەھۋالدا باجنى ئازايتىپ چىقىمنى كۆپەيتىش- ئىقتىساد تۆۋەنلەۋاتقاندا مالىيە بېجىنى تەڭشەش سىياسىتىدىكى زۆرۈر تەدبىر، ئەمما قىسقا مەزگىللىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، چىقىمنى ئازايتىپ كىرىمنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تەڭشىسىمۇ بولىدۇ. باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارقىلىق بايلىق بېجى ئېلىش قاتارلىق قۇشۇمچە باج تۈرى بىلەن مالىيە كىرىمىنى كۆپەيتىشنى يوققا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما ئىقتىسادنىڭ ئېىشىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر