باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2014.04.18 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى ‹سۇغۇرتا كەسپىدە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى يېتەكچى پىكرى›نى ئېلان قىلىپ، 6 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىر بىلەن يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ 6 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىر: 1.سودا خاراكتېرلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى شەھەر-بازارلىشىش قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئاھالىنىڭ يۆتكىلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېسىمىنى يېنىكلىتىمىز ؛ 2. مەبلەغ ئىشلىتىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان شەھەر-بازارلارنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە ساقلىقنى ساقلاش كەسپى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىق تۈرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز؛ 3. ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتىنى ياخشىلاش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا سۇغۇرتا جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتتىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەھەرلەرنىڭ كەسپىي قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنىڭ سەرخىل ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىمىز. 4. ھۆكۈمەتنىڭ سۇغۇرتا مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنىڭ سەپلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز؛ ئاۋامنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ ئاممىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلايمىز؛دۆلەتنىڭ سىياسەت ئارقىلىق قوللايدىغان غايەت زور ئاپەت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىمىز؛ 5. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. 6.سۇغۇرتا كارخانىلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشقان بازارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلغان، مۇۋاپىق نازارەت قىلىش باشقۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشنى تۈرتكە قىلغان سۇغۇرتىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈمى ئورنىتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر