باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىزدەش ھەرىكىتىگە توسالغۇ بولدى» دېگەن قالپاقنى جۇڭگوغا كەيدۈرۈش «بىمەنە ۋە كۈلكىلىك» ئىش

2014.04.17 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ۋېن شيەن، دىڭ شياۋشى خەۋىرى

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا «نيۇيورك گېزىتى» «ئايروپىلاننى ئىزدەش داۋامىدا جۇڭگونىڭ سالغان زىيىنى بىلەن بەرگەن ياردىمى تەڭدە تەڭ بولدى» دېگەن تېمىدا خەۋەر بەردى. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، بۇ بۇرمىلانغان خەۋەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىزدەش ھەرىكىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا زور زىيان يەتكۈزدى.

  مالايشىيانىڭ ئايروپىلانى ئالاقىسىز قالغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىزدەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن قاتناشتى. «نيۇيورك گېزىتى»نىڭ بۇ خەۋىرىدە بۇ ئىشلارنى قەتئىي نەزەرگە ئالماي، جۇڭگو بۇ جەرياندا سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە سۇ ئاستى سىگناللىرىنى ئۆلچەش قاتارلىق ئىشلاردا «بىر قاتار خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ»، «ئىزدەش ھەرىكىتىگە توسالغۇ بولدى» دەپ ھەدەپ جار سالدى. ئەمەلىيەتتە، ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر گۇمانىي قالدۇق ھەققىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، مالايشىيانىڭ ئايروپىلانى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى ئىسپاتلاندى. «ئىزدەش ھەرىكىتىگە توسالغۇ بولدى» دېگەن قالپاقنى جۇڭگوغا كىيدۈرۈش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمايلا قالماستىن، ئۇچىغا چىققان ئادالەتسىزلىكتۇر. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر