باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ خەن قاتارلىق 36 كىشىنىڭ قارا جەمئىيەتكە چېتىلىش دېلوسىنى سوت قىلىش 14-كۈنىگە قەدەم قويدى

2014.04.17 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرىل خۇبېي شيەننىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ليۇ خەن، ليۇ ۋېي قاتارلىق 36 كىشىنىڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى تەشكىلات قۇرۇش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە قاتنىشىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى تەشكىلاتنى قانات ئاستىغا ئېلىش، ئۇنى مەيلىگە قويۇۋېتىش جىنايىتىگە چېتىلىش دېلولىرى 16-چېسلا داۋاملىق خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شيەننىڭ شەھىرىدە قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ليۇ خەن قاتارلىق 10 كىشىنىڭ دېلوسىنى سوتتا تەكشۈرۈش تەرتىپى 16-چېسلا ئاياغلاشتى، 17-چېسلا سوت مۇنازىرىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ليۇ ۋېي قاتارلىق 7 كىشىنىڭ دېلوسىنىڭ سوتى 16-چېسلا توختىتىپ تۇرۇلدى، سوت كوللېگىيەسى باشقا كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىدۇ.

  ليۇ خەن قاتارلىق 10 كىشىنىڭ دېلوسىنى سوت قىلىش داۋامىدا، سوت كوللېگىيەسى جاۋابكار ليۇ خەن، ليۇ شياۋپىڭ ۋە جاۋابكار ئورۇن سىچۈەن خەنلۇڭ (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالدامچىلىق بىلەن بانكا قەرزى، ۋېكسىل ئېتىراپ چىقىمى، پۇل مۇئامىلە تالون-ئىسپاتلىرىنى ئېلىشقا چېتىلىش پاكىتلىرىنى سوتتا تەكشۈردى. جاۋابكار ليۇ خەن، ليۇ شياۋپىڭ ۋە جاۋابكار ئورۇن سىچۈەن خەنلۇڭ (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى پىكرىنى بايان قىلدى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ ليۇ خەن، ليۇ شياۋپىڭلاردىن گەپ سورىدى ۋە سوئال قويدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر