باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى مالىيە تارماقلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا مەدەت بەردى

2014.04.10 09:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جايلاردىكى مالىيە تارماقلىرى بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ياخشى باشلىنىشى، ياخشى قەدەم تاشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشغا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا پۇل تارقىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىلدا ئاشلىقتىن مول-ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  يېقىندا تيەنجىن شەھىرىنىڭ مالىيەسى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقىنى يەنىمۇ قوزغاش، بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسلىق ئاشلىق ساتىدىغان رايونلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا 360 مىليون يۈەن تولۇقلىما بەردى. تيەنجىن شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى ئاشلىق تولۇقلىما پۇلى تارقىتىش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلاپ، تەدبىر قوللىنىپ، تولۇقلىما پۇلنى نەقلەشتۈرۈش سۈرئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  سەنشى ئۆلكىسى شوجۇ شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى 8 مىليون يۈەن مەبلەغنى ۋاقىتدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆممە قوناقنى سۇلياۋ يوپۇق بىلەن قاپلاش تۈرى يولغا قويۇلغان 400 مىڭ مو يەرگە تولۇقلىما بېرىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ كۆممە قوناقتا يەنە بىر قېتىم يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. مىليون مو يەردىكى كۆممە قوناقنى سۇلياۋ يوپۇق بىلەن قاپلاپ ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش تۈرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شوجۇ شەھىرىنىڭ كۆممە قوناق مەھسۇلات مىقدارى يىلمۇ-يىل ئېشىپ، 2009-يىلىدىكى 1 مىليارت 443 مىليون جىڭدىن 2013-يىلىدىكى 2 مىليارت 350 مىليون جىڭغا يەتتى، مەملىكەتلىك، ئۆلكىلىك ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، شوجۇ شەھىرى يىغىننىڭ روھىنى پائال ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر يولغا قويۇلغان يەردىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇردى.

  جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گۇيشى شەھىرى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقىنى يەنىمۇ قوزغاش، بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 84 مىليون يۈەندىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش تولۇقلىمىسىنى تارقىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى قانات يايدۇردى. چاغاندىن كېيىن، بۇ شەھەر يېزا ئىگىلىكىگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق تولۇقلىما تەييارلىق خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلىدى. 1-، سىياسەت تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تولۇقلىما سىياسىتىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. 2-، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى ھېسابلاش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئېلان قىلدى. 3-، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ھەر بىر دېھقان ئائىلىسىگە تولۇقلىما بېرىش مەبلىغىنى ھېسابلاش خىزمىتى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەييارلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئوبدان ئىشلىدى.

  سىچۈەننىڭ شىفاڭ شەھىرى تولۇقلىما پۇلنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلدى. 17-مارتقىچە، شىفاڭ شەھىرى ئاشلىققا 4 مىليون 300 مىڭ يۈەن بىۋاسىتە تولۇقلىما بەردى، يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئۈچۈن 32 مىليون 210 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بەردى، تولۇقلىما ئالغان ئائىلە 106 مىڭ 126غا يەتتى. يۇقىرىقى مەبلەغنىڭ ھەممىسى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا بىۋاستە يەتكۈزۈپ بېرىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا مەبلەغ جىددىي بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر