باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پايتەخت ئىقتىساد چەمبىرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇناسىۋەتلىك پىلان تۈزۈلمەكتە

2014.04.10 09:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 9-ئاپرېل مۇنداق دېدى: تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماق ۋە جايلار بىلەن بىرلىكتە پايتەخت ئىقتىساد چەمبىرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇناسىۋەتلىك پىلاننى تۈزمەكتە، پىلان دائىرىسى بېيجىڭ شەھىرى، تىيەنجىن شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دېدى: بېيجىڭ تىيەنجىن خېبىي رايونى- ئېلىمىزنىڭ شەرقىدىكى ئۈچ چوڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم يىتەكچىلىك رولغا ئىگە، پىلان يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پايتەخت ئىقتىساد چەمبىرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش- بېيجىڭ تىيەنجىن خېبىينىڭ ئۈستۈنلىكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، بوخەي دېڭىز رايونى ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دېدى: پايتەخت ئىقتىساد چەمبىرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈشتە زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون ئىستراتىگىيەلىك ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پايتەخت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرغان ئاساستا، ئۈچ ئورۇننىڭ نىسبىي ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىمىز، نۇقتىلىق ھالدا زور ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسىپ ئەندىزىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، يېڭىلىق يارىتىشچان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىش، ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، رايون ھەمكارلىق تەرەققىيات مېخانىزمى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت تەپەككۇرى ۋە مەشغۇلات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. پىلاننى: تۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر