باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ‹‹كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەش بازىرى مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر›› نى تارقاتتى

2014.04.10 08:42         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا ‹‹كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەش بازىرى مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر›› (تۆۋەندە ‹‹پىكىر››دېيىلدى)نى تارقاتتى.

  ‹‹پىكىر››دە، كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەشتە دۇچ كېلىدىغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا يەتتە جەھەتتىكى سىياسەت، تەدبىر نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. تەستىقلايدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سىستېمىلىق رەتلەش، تەستىقلاش دائىرىسىنى تارايتىش، قىسمەن تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش ۋە قايتا تەشكىللەشنى تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلارنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش كېرەك. كىرېدىت، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش ۋە قايتا تەشكىللەشنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى ۋە تۆلەم ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، كاپىتال بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتال بازىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، مالىيە – باج سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى، يەر قوشۇلما قىممەت بېجى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاھىدە باجلارنى بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتىنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، قوشۇلما قىممەت بېجى، تىجارەت بېجى قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، يەر باشقۇرۇش ۋە ئىشچى – خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەر ئىشلىتىش ئېتىبار سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئۆزگەرتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنى تېزلىتىش، قوشۇۋېتىلگەن ياكى قايتا تەشكىللىگەن كارخانىلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مۇقىم، ئۈنۈملۈك ئىشچى – خىزمەتچىلەر قوشۇنىغا ئىگە كارخانىلارغا مۇقىم ئىش ئورنى ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك. بەشىنچى، كەسىپ سىياسىتى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ سىياسىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈكلەرنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ھالقىپ قوشۇۋېلىش ۋە سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، قايتا تەشكىللەش ۋە ئىخچاملاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچى، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يەتتىنچى، كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش ۋە قايتا تەشكىللەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رايون ھالقىپ قوشۇۋېتىش ۋە قايتا تەشكىللەشتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش، پۇقراۋى كاپىتالنىڭ بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ‹‹پىكىر››دە مونۇلار تەلەپ قىلىندى: كارخانىلارنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، سىياسەت ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى باھالاش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى تەشكىللەش ۋە قانات يايدۇرۇش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلۈك سىياسەت – تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈشى، ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جايلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كونكرېت لايىھە تۈزۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر