باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داۋالاش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان 5 يىلدىن بۇيان، ھۆكۈمەت جەمئىي 3 تىرىليون يۈەن مەبلەغ سالدى

2014.04.09 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قۇرۇلمىسى ئومۇميۈزلۈك شەكىللىنىپ، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى، تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماۋ چۈنئەن داۋالاش ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: داۋالاش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان 5 يىلدىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەخمىنەن 3 تىرىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. ئومۇم خەلق ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تۈزۈم رامكىسى ئومۇميۈزلۈك شەكىللىنىپ، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھالقىلىق بىر قەدەم بېسىلدى. دۆلەت ئاساسىي دورا تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى يېڭىلاندى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، تەڭپۇڭلۇق سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. (بەي جيەنفېڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر