باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باج تاپشۇرۇش قىزىق لىنىيەسى بېيجىڭ چاقىرىش مەركىزى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى يولغا قويدى

2014.04.03 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-مەملىكەتلىك باج تەشۋىقات ئېيى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى 2-ئاپرېل 12366 باج تاپشۇرۇش قىزىق لىنىيەسى بېيجىڭ چاقىرىش مەركىزىدە «ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن كۈن» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، خەلققە قولايلىق باج مۇلازىمىتى توغرىسىدا پىكىر تەكلىپ ئالدى. باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى بېيجىڭ چاقىرىش مەركىزى 2013-يىلى 1-ئاپرېل رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بىر يىلدىن بۇيان 845مىڭ 300 قېتىم تېلفون قوبۇل قىلدى، تېلفون قوبۇل قىلىش نىسبىتى %95.15كە يەتتى.

  باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى مۇنداق دېدى: ھازىر باج تارماقلىرى مەمۇرى تەستىق تۈرىنى داۋاملىق ئېنىقلاش، ئائىلىلەرگە كىرىپ قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مەلۇمات جەدۋىلىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، كارخانىلار بەھرىمەن بولىدىغان تاپاۋەت بېجى ئېتىبار سىياسىتىنى تەستىقلاش بىر تەرەپ قىلىش ۋاقىتىنى قىسقارتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ، بىرى تەييار بولسا بىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرلىكتىكى باج تاپشۇرغۇچىلارغا ئەڭ زور چەكتە قولايلىق ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە باج ئورگانلىرى خەلققە قۇلايلىق باج تاپشۇرۇش باھار شامىلى ھەرىكىتىنى مۇھىم پۇرسەت ۋە تەشۋىقات باش تېمىسى قىلىپ، تۈرلۈك خەلققە قولايلىق باج تاپشۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇشنى ھەمدە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، داۋاملىق كېڭەيتىشنى، خەلققە قولايلىق تەدبىرلەردە يېڭلىق يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر