باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىل ئازلىسا يول توسۇلمايدۇ

2014.03.24 17:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتوموبىل ئازلىسا يول توسۇلمايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. لېكىن بۇنى تەكىتلىمەيمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بەزىلەر ئىزچىل تۈردە نيۇ يورك، توكيو قاتارلىق شەھەرلەردە ئاپتوموبىل بېيجىڭدىكىدىنمۇ كۆپ، ئەمما بېيجىڭدا ئاپتوموبىل توسۇلۇش ئەھۋالى بەك ئېغىر، ئاپتوموبىلنىڭ كۆپ بولۇشى يول توسۇلۇشتىكى ئاساسىي سەۋەب ئەمەس، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا، يول يۈرۈشكە چەك قويۇش قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ھەل قىلالمايدۇ، دېگەن قاراشتا بولماقتا.

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 1 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلان قىلىنغان 2013 – يىللىق قاتناش مەشغۇلات تەھلىلى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر خىزمەت كۈنىدە ئاپتوموبىللارنىڭ توسۇلۇش ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 25 مىنۇت ئۇزارغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر ۋە ئوتتۇراھال توسۇلۇش ۋاقتى ئون مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە سوزۇلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يول يۈرگۈچىلەر ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  دوكلاتتا يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇلتۇر خىزمەت كۈنلىرىدىكى ئەتىگەنلىك، كەچلىك قاتناش قىستاڭچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللە كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئۆرلىگەن، ئەمما كەچلىك قاتناش قىستاڭچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللە كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، سەۋەبى مەركەز <<سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە>>نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، كەچتە سوۋغات يەتكۈزىدىغان، مېھمان چاقىرىدىغانلار ئازلىغان، ئورگان، كارخانا، شەخسلەرنىڭ چۈشتىن كېيىنكى ياكى كەچتىكى پائالىيىتىمۇ ئازلىغان. ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىش بېجىرىدىغانلار ئازلىغانلىقتىن يول ئازادە بولغان. بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە بېيجىڭ شەھەر رايونىدا نۇرغۇن يول بۆلەكلىرى ناھايىتى راۋان بولغان .

  قاتناش قىستاڭچىلىقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان شەھەر كېسىلى بولۇپ، بىرىنچى كېسەل ئاپتوموبىل سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىدۇر. چەت ئەللەرنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە ئاپتوموبىل ھەقىقەتەن كۆپ بولسىمۇ، ئەمما يوللار راۋان، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب، ئۇلارنىڭ شەھەر پىلانلاش، يول قۇرۇلۇش، قاتناش باشقۇرۇش ۋە مەدەنىي يول يۈرۈش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدا.

  چەت ئەللەردىكى شەھەرلەردىمۇ يول يۈرۈشكە چەك قويۇلىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېيجىڭ شەھىرى لوندون، مىلان شەھىرىنىڭ ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىپ، 2015 – يىلى نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى ھەققى ئېلىش لايىھەسىنى تۈزۈۋېتىپتۇ.

  يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئاپتوموبىل سانى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 مىليوندىن ئېشىپ باردى، 2013 – يىلى مەملىكەت بويىچە شەخسى ئاپتوموبىل 137 مىليونغا يېتىپ، 2003 – يىلىدىكىدىن .7 5 ھەسسە ئاشتى، 31 شەھەردە ئاپتوموبىل سانى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، تيەنجىن، چېڭدۇ، شېنجېن، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، سۇجۇ، خاڭجۇ قاتارلىق سەككىز شەھەردە ئاپتوموبىل سانى 2 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. ئويلاپ باقايلى، بۇ شەھەرلەرنىڭ قاتناش باشقۇرۇش سەۋىيەسى بىلەن ئاممىنىڭ مەدەنىي يول يۈرۈش ساپاسى مۇشۇ ئون يىلدا تەڭ قەدەمدە ئۆسكەنمىدۇ؟

  قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىشتە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، يول يۈرۈشكە چەك قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، شەھەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىلمىي پىلانلاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، قاتناش باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ مەدەنىي يول يۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر شەھەر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئۇسۇللىرىنى يولغا قويدى. ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، يول يۈرۈشكە چەك قويۇشقا سېلىشتۇرغاندا، كېيىنكى بىر قانچە ئۇسۇل شەھەر تەرەققىياتى، شەھەرنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، چېقىش – كۆچۈرۈش، يەر ئېلىش ۋە پۇقرالارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ، بۇنى يولغا قويۇش قىيىنراق، نەچچە يىل داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

  ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش شەخسي ئاپتوموبىلنى تىزگىنلەش، يول يۈرۈشكە چەك قويۇش ، يولغا چىقىدىغان ئاپتوموبىل مىقدارىنى كېمەيتىشتىن ئىبارەت. باشقا تەدبىرلەر تازا ئۈنۈم بەرمىگەندە ،مىقدار كونترول قىلىنمىسا، قاتناش قىستاڭچىلىقى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ، يۈرۈشكە چەك قويۇش ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ، ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، بۇ ھەقتە كىشىلەرنىڭ مۇنازىرە قىلىشى نورمال ئەھۋال. ئوخشىمىغان پىكىرلەر بولسىمۇ، باشقا شەھەرلەر يەنىلا شاڭخەي، بېيجىڭ شەھەرلىرىنىڭ ئۇسۇلىنى تەقلىد قىلدى، تيەنجىن شەھىرى 1 – مارتتىن باشلاپ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىدىكى ئاخىرقى نومۇر نۆۋىتى بويىچە يول يۈرۈشكە چەك قويۇش تەدبىرىنى يولغا قويدى.

  ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، يول يۈرۈشكە چەك قويۇشنى مۇنازىرلىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، مەسىلە قانداق قىلىپ سېتىۋېلىش، يول يۈرۈشكە چەك قويۇش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىللىق، خەلققە قولايلىق بولۇشنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايان قىلىش بولۇپ قالدى. ئادىللىق ئاپتوموبىلى بارلار ئاپتوموبىلىنى خالىغانچە ھەيدىيەلمەسلىك تۈپەيلىدىن ئاپتوموبىلى يوقلارنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىش دېگەنلىكتۇر. خەلققە قولايلىق يارىتىش سېتىۋېلىش، يول يۈرۈشكە چەك قويۇلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش دېگەنلىكتۇر. شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، مەركەزنىڭ <<سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە>>سى ۋە ‹‹تۆت خىل ئىستىل›› غا قارشى تۇرۇش تەدبىرى، ھۆكۈمەت پۇلىغا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنى قاتتىق چەكلەشمۇ بىر خىل سېتىۋېلىش، يول يۈرۈشكە چەك قويۇش سىياسىتىدۇر، بۇنىڭ تەسىرى تېخىمۇ زور، ئۈلگىلىك رولى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى تېخىمۇ زور دەرىجىدە نامايان بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر