باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنىڭ روھىنى چىڭ تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرايلى

2014.03.24 17:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭىشىدىغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاياغلىشىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مىزگىنى چېلىندى. بۇ بىر دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەسۋىرى .شۇنداقلا ئىسلاھات سەپىرىنىڭ يېڭى بىر يىللىق باشلىنىشى. چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا ياخشى پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. تۇنجى قەدەمنى باشلىغاندىلا مۇقىم ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ ئۈچنى چىڭىتىش ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇپەسسەل بايانى ئىستىل قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى سەمىمىي تەلىم، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن كۈتىدىغان كونكرېت تەلەپ. ھەم ئادىمىي ئەخلاق ۋە سىياسەتنى دەڭسەيدىغان ئېنىق ئۆلچەم. ھەم پارتىيىۋىلىك پرىنسىپ ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان مۇھىم تەكشۈرۈش. ئۇنىڭ جەۋھىرى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، مۇھىم مەزمۇنىنى ئەستە ساقلاپ، ئۇنىڭدىكى تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەر دەرىجىلىك پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئالدىغا قويۇلغان ئالاھىدە ۋەزىپە.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ باش سېكرىتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى بىر يۈرۈش زور تەدبىرلەر دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىپلا قالماستىن، ئىستىل قۇرۇلۇشىغىمۇ يېڭى دەۋر مەزمۇنى قوشتى. ئالاھىدە پەيتتە تېخىمۇ ئالاھىدە ۋەزىننى كۆرسىتىپ بەردى.

  2014-يىلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى. 12-بەش يىللىق پىلان تاماملىنىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قاتتىق ئىستىلنى يولغا قويۇش ۋاقتى ئۆزىمىزدە. ئىستىلنى توغرىلاپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلدىكى بىخۇتلۇقنى تۈگىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش كۈچىنى يىغىدىغانلا بولساق، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيمىز. ئىككى يىغىن روھىنى ھەقىقىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەۋر ئاتا قىلغان تارىخى بۇرۇچنى ئۈستىمىزگە ئالالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر