باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي خىزمەت باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ چىقىدۇ

2014.03.19 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 18-مارت-8-خەلقئارا ئىجتىمائىي خىزمەت كۈنى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 18-مارت بېيجىڭدا بۇ يىللىق خەلقئارا ئىجتىمائىي خىزمەت كۈنى باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىدى ھەم تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي خىزمەت باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي خىزمەت باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاش ئوبيېكتلىرى-شەھەر-يېزا مەھەللىلىرى، ئاممىۋى پاراۋانلىق كەسپىي ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى ئىجتىمائىي خىزمەت باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، گەۋدىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن، ئۆز كەسپى ئىچىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بولىدىكەن. تاللاش پائالىيىتىدە، ئىجتىمائىي خىزمەتنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلام خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەخسۇس رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق خەلقئارا ئىجتىمائىي خىزمەت كۈنىنىڭ باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەتتە قانات يايدۇرغان ئىجتىمائىي خىزمەت كۈنى باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى ئىكەن. باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي خىزمەت ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي خىزمەتكە بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن. بۇ قېتىمقى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى-ئىجتىمائىي خىزمەت روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر