- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو بالىلار خەيرى ساخاۋەت مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى
2014.03.19 16:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن جۇڭگو بالىلار ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا 2013-يىللىق جۇڭگو بالىلار خەيرى ساخاۋەت مۇكاپاتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شېن يۆيۆ قاتناشتى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
تەقدىرلەش يىغىنىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيەسى قاتارلىق تۆت ئورۇنغا جۇڭگو بالىلار خەيرى ساخاۋەت مۇكاپاتى ــ كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى بېرىلدى، ئاۋدىس لىفىت جۇڭگو چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 49 ئورۇن ۋە لى جياچېڭ قاتارلىق 12 شەخسكە جۇڭگو بالىلار خەيرى ساخاۋەت مۇكاپاتى ـــ گەۋدىلىك تۆھپە مۇكاپاتى، سىنا پاراۋانلىقى قاتارلىق 14 ئورۇنغا ۋە فاڭ فېڭلېي قاتارلىق 4 كىشىگە جۇڭگو بالىلار خەيرى ساخاۋەت مۇكاپاتى ــ مېھرى شەپقەت تۆھپە مۇكاپاتى بېرىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ شىنجاڭغا مۇھەببەت مىللىي ئىتتىپاقلىق ئەلچىلىرى پائالىيىتى قاتارلىق 14 تۈرگە جۇڭگو بالىلار خەيرى ساخاۋەت مۇكاپاتى ـ- تۈردە يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى بېرىلدى.
جۇڭگو بالىلار ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى چېن جىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئورۇن، شەخس ۋە تۈرنى مۇئەييەنلەشتۈردى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا رەھمەت ئېيتتى ، ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بالىلار فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ئىشەنچىلىكلىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىئانە، ياردەم بېرىشنىڭ بارلىق جەريانلىرىنى ئاشكارا قىلىپ، ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ مېھرى مۇھەببىتى ۋە ئۈمىدىنى بالىلارغا ھەقىقى يەتكۈزۈشى كېرەك.
2013-يىلى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلگەن، پۈتۈن يىلدا ئىئانە قىلىنغان ئومۇمىي پۇل 330 مىليون يۈەنگە يەتكەن شۇنداقلا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېلىپ بارغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باھالاش خىزمىتىدە يەنە بىر قېتىم 5aدەرىجىلىك فوندى جەمئىيەت بولۇپ باھالانغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر