باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاشقى مەدەنىيەت سودىسىنى تىز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر بېسىپ تارقىتىلدى

2014.03.18 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تاشقى مەدەنىيەت سودىسىنى تىز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقىتىپ، تاشقى مەدەنىيەت سودىسىنى تىز راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىمپورت مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى بازىرى، ئىككى خىل بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، بازار مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنى زورايتىش لازىم. سودا قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، خەلقئارا مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ۋە رىقابىتىگە تېخىمۇ كەڭ دائىرە،تېخىمۇ كەڭ ساھە ۋە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئالاھىدىلىكىگە ئىگە نادىر مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش لازىم.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تاشقى مەدەنىيەت سودىسى خىزمىتىنىڭ كۆپ تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا ، تەشۋىقات مەدەنىيەت، دىپلوماتىيە، مالىيە باج، پۇل مۇئامىلە، تاموژنا، ئىستاتىستىكا قاتارلىق تارماقلارنىڭ تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلىرىنى بىكىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر