بۇ ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا 17–مارت تارتىلغان ئاق ساراينىڭ سۈرىتى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 7 نەپەر رۇسىيە ئەمەلدارى ۋە 4 نەپەر ئوكرائىنا ئەمەلدارىغا جازا قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاق ساراي شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئوباما مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاش ئارقىلىق، ئوكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى– تەرۇز قىلغان رۇسىيە تەرەپ ۋە ئوكرائىنا تەرەپ ئەمەلدارلىرىغا نىسبەتەن ۋىزىسىنى چەكلەش ۋە مەبلىغىنى توڭلىتىش قاتارلىق جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى ئېيتتى.