باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىنايى دېلولارنى باشقا دېلولار بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا تەدبىقلاشنى قېلىپلاشتۇرۇش يېتەكچى پىكرى تارقىتىلدى

2014.03.17 14:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 16-مارت ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى باشقا دېلولار بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا تەتبىقلاشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرىنى بىرلىشىپ تارقاتقان. باشقا دېلولار بويىچە بىر تەرەپ قىلىش دائىرىسى،تەرتىپى ھەمدە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ باشقا دېلولار بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا تەتبىقلاشتىكى تەكشۈرۈش نازارەت قىلىش قاتارلىقلار ئۈستىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان.

  يېتەكچى پىكىردە ئالدى بىلەن باشقا دېلو بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. باشقا دېلو بويىچە بىر تەرەپ قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش داۋامىدا ئوخشاش بولغان جىنايى ئىشلار دېلولىرى ياكى بۇ دېلو بىلەن چېتىشلىقى بولغان قىسمەن جىنايەت گۇماندارلىرىغا قارىتا ، قانۇندىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە ياكى دېلودا ساقلانغان ئالاھىدە ئەھۋال قاتارلىق سەۋەبلەر بولغانلىقتىن، ئوخشاش دېلودىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئوخشاش دېلو بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ياكى ماس كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، دېلودىن ئېلىپ چىقىپ نوقۇل ياكى باشقا دېلولار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋاللىرىنى كۆرسىتىدۇ. يېتەكچى پىكىردە باشقا دېلو بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا تەدبىقلىنىدىغان بەش خىل ئەھۋال ئېنىق بېكىتىلدى.

  باشقا دېلو بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا قانۇن بويىچە تەتبىقلاش ، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ،تەپتىش مەھكىمىلىرى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ زىچ ماسلىشىشىدىن ئايرىلالمايدىغان بولغاچقا ، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. يېتەكچى پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۇچۇرنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ،باشقا دېلو بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغان دېلو سانى ، خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى،دېلونى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ، باشقا دېلولار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان دېلولارنى تەتقىق قىلىپ بېجىرىش داۋامىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئۆز ئارا ئۇقتۇرىدۇ. ئېغىر، مۇرەككەپ، سەزگۈر دېلولارغا قارىتا تەپتىش مەھكىمىلىرى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن كېڭەشسە ، تەتقىق قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر