باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىدى

2014.03.14 17:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتى 13-مارت جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى. يادرولۇق كۆرسەتكۈچتىكى كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ كۆپەيمە قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئەمەلىي ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلىدى؛ مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمال جەھەتتىكى ئىچكى تەلەپنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى. گەرچە ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى ئاساسلىق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جيەنتاڭ بۇ يىللىق باشلىنىش ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى دېدى.

  ما جيەنتاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە بولدى. ماكرولۇق ئىقتىسادقا ھۆكۈم قىلىدىغان ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى يەنىلا مۇقىم، نۇرغۇن كارخانىلاردا خىزمەتچى ئېلىش تەس بولۇش مەسىلىسى ساقلانماقتا.

  مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىدا ئىقتىساد قۇرۇلمىسى سەرخىللىشىشنىڭ نۇرغۇن يېڭى يارقىن نۇقتىلىرى بارلىققا كەلدى. سانائەت جەھەتتە، پولات-تۆمۈر، سىمۇنت قاتارلىق ئەنئەنىۋى سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى، لېكىن يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشتى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە، ئالەم ئۇچقۇسى ۋە ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.7، داۋالاش، دورا ياسىمىچىلىقى %13.3، ئېلېكتىرون ۋە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى ياسىمىچىلىقى %11.5 ئېشىپ، سانائەتنىڭ ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولغان.

  ئالدىنقى ئىككى ئايدا، مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشتى، 3-كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ %20.8 ئاشتى، پۇقراۋى مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %21.5 بولدى، 3-كەسىپ ۋە پۇقراۋى مەبلەغنىڭ مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي ئۈلۈشىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى داۋاملىق ئۆستى.

  سىياسەتنىڭ تەسىرىدە، كوللېكتىپ ئىستېمالى، ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىش ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى شۇنداقلا ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئىستېمالى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئېلىمىزنىڭ چەكلىمىدىن يۇقىرى ئورۇنلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئازايدى، لېكىن چەكلىمىدىن تۆۋەن ئورۇنلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك كىرىمى %14.2 ئاشتى.

  ئىسلاھات-نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ پايدا بولماقتا. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، سانائەتتە رويخەتكە ئېلىش، تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا ئەگىشىپ، بۇلتۇرنىڭ 4-پەسلىدە، ئېلىمىزدە يېڭىدىن ئاشقان بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشقان، بازارنىڭ مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغان، مىكرو ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشقان، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلگەن.

  جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزى مەسلىھەت تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جۈن بۇ يىل پۈتۈن يىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %7.5 ئەتراپىغا مۇقىملىشىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر