باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر سودا-سانائەت ئورگانلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ نۇرغۇن زىيىنىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەردى

2014.03.14 17:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ 14-مارت ئاشكارىلىشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن مەملىكەتتىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى 12 مىڭ 315 تورى ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنىڭ يەتتە مىليون 2700 ئەرزىنى ھەل قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ بىر مىليارد 324 مىليون يۈەنلىك زىيىنىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەرگەن.

  دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن مەملىكەتتىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش دېلوسىدىن 400 مىڭ 700 نى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش دېلوسىدىن 131 مىڭ 800 نى، بازارغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ دېلودىن 170 مىڭ بىر يۈزنى، تاۋار ماركىسى قانۇنىغا خىلاپ دېلودىن 56 مىڭ 900 نى، قانۇنغا خىلاپ ئېلان دېلوسىدىن 44 مىڭ بىر يۈزنى، قانۇن ئىجراسىدا رىقابەتلىشىش ۋە ئىقتىساد تەكشۈرۈشتىكى قانۇن ئىجراسى دېلوسىدىن 208 مىڭ بىر يۈزنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر