باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2014.03.11 18:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ئاتاقلىق مىللەتشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەت ۋە ئىنسانىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئەزا خاۋ شىيۈەن ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ تۈزۈم خاراكتېرلىك كاپالىتى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئىسلاھات ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ئەزا خاۋ شىيۈەن مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپتۇ، مېنىڭچە تۈزۈمگە ئىشىنىش شۇنداقلا تۈزۈلگەن تۈزۈمنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  خاۋ شىيۈەن دۆلەتنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭغا ياردەم بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي قىسىمنىڭ تەجرىبىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرقانداق رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى ناتايىن، ئاچقۇچلۇقى شۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىش كەلمەسلىكىدە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلار سىنىپى قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش لازىم، ھازىر نۇرغۇن دۆلەت كارخانىلىرى شىنجاڭ، شىزاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلارنىڭ بايلىقىنى ئىچىشقا كىردى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بايلىقنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرمىغانلىقتىن شۇ جايدىكى مىللەتلەردە خۇددىي بايلىقنى ئۇلار ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك، ئۇلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك ھىسسيات پەيدا بولۇپ قالدى، ئەگەر يەرلىك مىللىي ئاممىنى بايلىقنى ئېچىشقا جەلپ قىلسا ئۇلار ئۇنداق دەپ قارىمايتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر