باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو قۇتقۇزۇش پاراخوتى يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننى داۋاملىق ئىزدىدى

2014.03.11 18:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دېڭىزدا قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ 11-مارت تونۇشتۇرۇشىچە، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جىڭگاڭشەن ناملىق پاراخوتى 11-مارت سائەت توققۇزدىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان دېڭىزغا يېتىپ بېرىپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن ميەنياڭ ناملىق پاراخوت بىلەن دېڭىز فىلوتى ھاسىل قىلىپ، ئىزدەش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

  بۇندىن باشقا، دېڭىز ساقچىسى 3411 ناملىق پاراخوت، جەنۇبىي دېڭىزدا قۇتقۇزۇش 115 ناملىق پاراخوتمۇ 11-مارت بۇ رايوندا داۋاملىق ئىزدەشكە باشلىغان، دېڭىز چارلاش 31 ناملىق پاراخوت، جەنۇبىي دېڭىزدا قۇتقۇزۇش 101 ناملىق پاراخوت 11-مارت چۈشتىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان.

  جەنۇبىي دېڭىزدا قۇتقۇزۇش 101 ناملىق پاراخوتنىڭ باشلىقى خوڭ جۈن مۇنداق دېدى: ۋەزىپە ئۆتەيدىغان دېڭىز-تۆۋەن كەڭلىك رايونى بولۇپ، ھاۋا ۋە سۇ ئىسسىق، پاراخوتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يۈرۈشىگە نىسبەتەن زور سىناق. شەرقىي دېڭىز قۇتقۇزۇش ئىدارىسى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ خەييوڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى دېڭىز ئەھۋالىدىن قارىغاندا، قاتتىق شاماللىق دولقۇن ۋە تۇمان يوق، ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، سۇ ئۈستىدىكى گۇمانلىق نەرسىلەرنى ئىزدەش ۋە سۈزۈشكە بىر قەدەر ماس كېلىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئادەم ۋە ئەسلىھە تەييارلىقىنى ياخشى قىلدى، ئەگەر گۇمانلىق نەرسىلەر بايقالسا، شۇ ھامان قولۋاق بىلەن بېرىپ سۈزۈۋالىدۇ.

  يەنە باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، تەيۋەن ئارمىيە دائىرىلىرى، دېڭىز چارلاش مەھكىمىسى 10-مارت چۈشتىن كېيىن بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق چارلاش پاراخوتى، بىر تىرانسپورت ئايروپىلانى ۋە ئىككى چارلاش پاراخوتىنى مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان دېڭىزغا ئەۋەتىپ، دېڭىزدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر