باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشىك ئالدىدىكى مەكتەپلەرنىمۇ سەرخىللەشتۈرۈش كېرەك (ئىككى يىغىن e زالى)

2014.03.10 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ لىمىن (سول ئىشىك ئالدىدىكى مەكتەپلەرنىمۇ سەرخىللەشتۈرۈش كېرەك

  (ئىككى يىغىن e زالى)

  (سولدىن ئىككىنچى كىشى) "ئىككى يىغىن e زالى"دا زىيارەتتە بولۇپ، خۇاجوڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستېتى پارتىكومىنىڭ شۇجىسى، ئەزا ما مىن (سولدىن ئۈچىنچى كىشى) ۋە دۆلەت مائارىپ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ لى (سولدىن تۆتىنچى كىشى) قاتارلىقلار بىلەن مائارىپ ئىسلاھاتى ھەققىدە پىكىرلەشتى. سۆھبەتكە ئۆز مۇخبىرىمىز دوڭ خوڭلىياڭ (سولدىن بىرىنچى) رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئومۇم ئىگىدارچىلىقىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ

  رىياسەتچى: 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندا شەھەر ـ يېزىلاردىكى مەجبۇرىي مائارىپ بايلىقلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش تەلەپ قىلىنغان. قانداق قىلغاندا بايلىقلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش يولى ئارقىلىق شەھەر ـ يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ؟

  ليۇ لىمىن: مەملىكىتىمىز 25 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئوڭۇشلۇق ئومۇملاشتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە مەجبۇرىي مائارىپنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ھەم مائارىپتىكى ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈردى.ھەم مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى. 2012-يىللىق مالىيە خارەكتىرلىك مائارىپ سېلىنمىسى ئىچىدە مەجبۇرىي مائارىپقا سېلىنغان سېلىنما %52 نى ئېگەللىگەن بولۇپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىي مائارىپ ۋە ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى مەجبۇرىي مائارىپ بۇ سېلىنمىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى.

  يېقىندا، بىز شەھەر ـ يېزىلاردىكى ئومۇم ئىگىدارچىلىقىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇ بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ۋە ناماياندا بولدى. بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق كەڭ يېزىلاردىكى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى مائارىپى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان رايونلاردىكى ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتى ياخشىلىنىدۇ. بۇ مەكتەپلەر ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇتۇش شارائىتى جەھەتتە بىر قەدەر زور ياخشىلىنىپ، تۇرمۇش شارائىتى جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈسكۈنىلەر كۆپەيتىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ.

  ما مىن: نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر مۇشۇنداق قىلغان. مەسىلەن، ياپونىيەدىكى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر، شەھەردە ياكى يېزىدا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بىر خىل ئۆلچەمدە سېلىنغان بولۇپ، ئۆز جايىدىكى ئەڭ ياخشى قورۇلۇشلاردىن دىيىشكە بولىدۇ. جۇڭگومۇ مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوقۇم ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

  جاڭ لى: مەجبۇرىي مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققى قىلىشى ئىلىمىز مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدىكى مۇھىم بەلگىلىمىلەردىن بىرى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى مەجبۇرىي مائارىپنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى.

  رىياسەتچى: قانداق قىلغاندا ئۇچۇر تېخنىكا ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ ئۆز جايىدىلا تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھىرلىنىشگە ياردەم قىلغىلى بولىدۇ؟

  ليۇ لىمىن: ھازىر مەملىكىتىمىزدە تەخمىنەن ھەر 11 بالىغا بىر كومپىيوتىر توغرا كىلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى %58 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئىنتىرنىت تورىغا ئۇلانغان. پۈتۈن مەملىكەتتىكى %80 دىن ئارتۇق ئوقۇتۇش نۇقتىسى تورغا ئۇلىنىشتەك ئۇسۇللار بىلەن سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقلىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇپ، نۇرغۇن يېزا بالىلىرى ئېسىل مائارىپتىن بەھرىمان بولۇۋاتىدۇ. (مۇخبىر دوڭ خوڭلياڭ خەۋىرى)

   مەنبە: خەلق تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر