باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزالار دېموكراتىك كېڭىشىش تۈزۈمى ئۈستىدە توختالدى

2014.03.08 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. سىياسىي كېڭەشنىڭ 4 ئەزاسى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك كېڭىشىشتىكى مۇھىم يوللۇق رولىنى قانداق قىلىپ تولۇق جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بيەن جىنپىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىندىن بۇيان، دېموكراتىك كېڭىشىش يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، دېموكراتىك كېڭىشىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، كېڭىشىش يوللىرى يەنىمۇ كېڭەيدى. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى لەي مىڭ مۇنداق دېدى: دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشىنىشى، پۇقرالارنىڭ نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىگىلىشى كېرەك. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، سابىق ئاخبارات نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى دۇڭدۇڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق مەدەنىيەت تەرەققىياتى، پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدىكى مەدەنىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەت ۋە تور بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆز ساھەسىدىكى ئەزلارنى يېڭى تاراتقۇلار، كىنو تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئىشلەش ئورگانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تېخىمۇ ئوبدان قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر